چەت ئەللەردىكى سايلىغۇچىلار بېلەت تاشلاشنى داۋاملاشتۇرماقتا
چەتئەلدىكى سايلىغۇچىلارنىڭ 697 مىڭ 577 سى 14- ماي ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمى بىلەن 28 - نۆۋەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى ئومۇمىي سايلىمى ئۈچۈن بېلەت تاشلىدى.
1981465
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئالىي سايلام كومىتېتى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈنۈگۈن تۈركىيە ۋاقتى سائەت 21:00 گىچە چەت ئەللەردىكى سايلىغۇچىلاردىن 644 مىڭ 577 سىنىڭ تۈركىيەنىڭ چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانا – كونسۇلخانىلىرىدا، 52 مىڭ 605 ىنىڭ تاموژنا ئېغىزلىرىدا بولۇپ، جەمئىي 697 مىڭ 577 كىشىنىڭ بېلەت تاشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.