ئەردوغان: دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى <MİT> دائېشنىڭ ئاتالمىش رەھبىرىنى سۈرىيەدە ئۇجۇقتۇردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ شىفرىلىق ئىسمى ئەبۇ ھۇسەيىن ئەل قۇرەيشى بولغان ئاتالمىش رەھبىرىنى دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى نىڭ سۈرىيەدە بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1981278
ئەردوغان: دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى <MİT> دائېشنىڭ ئاتالمىش رەھبىرىنى سۈرىيەدە ئۇجۇقتۇردى
erdogan gazeteciler.jpg
erdogan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان چەتئەلدە تارقىتىش بىرىدىغان بىر قىسىم تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ بىرلەشمە تارقىتىشىغا قاتنىشىپ، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تېرورلۇققا قارشى كۈرەش ئارقىلىق  تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىنى تۇنجۇقتۇرغانلىقىنى، تېرورچىلارنىڭ ئەمدىلىكتە بېشىنى كۆتۈرەلمەيدىغان ھالغا كەلگەنلىكىنى ۋە تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ نەپەس ئېلىشىغىمۇ يول قويۇلمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ تېرورلۇققا قارشى كۈرىشىنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىگىمۇ تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىچىدە  تېرورلۇق تەشكىلاتلىرى دائېش، پ ك ك/ي پ گ ۋە فەتھۇللاھچىلارغا قارشى بىردىنبىر ئۈنۈملۈك ۋە نەتىجىلىك كۈرەش قىلىۋاتقان دۆلەتنىڭ تۈركىيە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.  

ئەردوغان يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پ ك ك نىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەر دەرىجىلىك كاتتىۋاشلىرىنىڭ تۈركىيە ئىستىخبارات تەشكىلاتى تەرپىدىن  ئئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى ۋە فەتھۇللاھچىلارنىڭمۇ چەت ئەللەردىكى بىر قىسىم ئەزالىرىنىڭ تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ شىفرىلىق ئىسمى ئەبۇ ھۇسەيىن ئەل قۇرەيشى بولغان ئاتالمىش رەھبىرىنى 29 – ئاپرېلدا دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى <MİT> نىڭ سۈرىيەدە بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، «بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بىز تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ئايرىپ ئولتۇرماستىن كۈرىشىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر