ئەردوغان يەر تەۋرەشتە خىزمەت كۆرسەتكەنلەرگە دۆلەت ئوردېنى تەقدىم قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى

ئەردوغان 6-فېۋرالدىكى قاھرامانماراش يەر تەۋرەش ئاپەتلىرىگە قارشى كۈرەشنىڭ سىمۋولغا ئايلانغان كىشىلەر ھەمدە گۇرۇپپىلاردىن يەرلىك ۋە چەت ئەللىكلەر بولۇپ، جەمئىي 55 مىڭ كىشىگە دۆلەت ئۈستۈن پىداكارلىق ئوردېنى تەقدىم قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.  ​​​​​​​

1979445
ئەردوغان يەر تەۋرەشتە خىزمەت كۆرسەتكەنلەرگە دۆلەت ئوردېنى تەقدىم قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە  ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدىكى سۆزىدە، ئاپەتتە مۇنەۋۋەر مۇلازىمەت قىلغانلارغا تۈركىيە مېدالى ئارقىلىق مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ: يەر تەۋرەشكە قارشى كۈرەشنىڭ سىمۋولغا ئايلانغان كىشىلەر ھەمدە گۇرۇپپىلاردىن  يەرلىك ۋە چەت ئەللىكلەر بولۇپ، جەمئىي 55 مىڭ كىشىگە دۆلەت ئۈستۈن پىداكارلىق ئوردېنى تەقدىم قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان: «ھېچكىمنىڭ بىز باشتىن كەچۈرگەن ئىشلارنى باشتىن كەچۈرۈشىنى خالىمايمىز، ئەمما ئاپەتلەرنىڭ ھاياتنىڭ رىئاللىقى ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ قالمايمىز» دېدى ۋە ئەڭ قىيىن كۈنلەردە تۈركىيەگە ياردەم قىلغانلارنى نەزەردىن ساقىت قىلمايدىغانلىقلىرىنى، ياخشىلىقلىرىنى بەدەلسىز قويمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان دۇنيادىكى 90 دۆلەتتىن كەلگەن 11 مىڭ 320 ئەترەتنىڭ تۈركىيەگە ياردەم بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «دۇنيانىڭ چېتىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دۇئالىرىنى ۋە قوللىشىنىمۇ ھېس قىلدۇق. بىز ئىلگىرى بەدەل كۈتمەستىن كىمگە ياردەم قىلىشقا يۈگۈرگەن بولساق، ئۇلارمۇ بىزگە ياردەم قىلىشقا يۈگۈردى. قاراڭغۇ كۈن دوستلىرىمىزنىڭ ھەممىنى بىلىمىز. ھەر بىر ياردەم قولىغا ئوخشىمىغان شەكىلدە مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىمىز. بۈگۈن بېرىلگەن مېداللار ۋە ئوردېنلار دۆلىتىمىزنىڭ سەمىمىي رەھمىتىدۇر.  85 مىليون خەلقنىڭ قەلبىدە ئالاھىدە ئورۇنغا ئېرىشتىڭلار. ھەر بىرىڭلار نامايان قىلغان پىداكارلىقىڭلار ئارقىلىق نامىڭلارنى تارىخقا يازدۇردۇڭلار. ئېتىقاد، تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئوخشىماسلىقلارغا قارىماي، دەردىمىزنى ئورتاقلاشتىڭلار. نە بىز، نە بىنا ئاستىدىن سىلەر چىقارغان قېرىنداشلىرىمىز بۇ غەيرىتىڭلارنى ھەرگىز ئۇنتۇمايدۇ» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاندىن دۆلەت ئۈستۈن پىداكارلىق مېدالى ۋە ئوردېنى بېرىلىدىغان تۇنجى گۇرۇپپىغا ئېرىشكەن مۇكاپاتلىرىنى تەقدىم قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر