تۇنجى ئىككى «توگگ» ئەردوغان بىلەن رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغانغا تاپشۇرۇلدى

تۈركىيەنىڭ يەرلىك توكلۇق ماشىنا ماركىسى — توگگ (Togg) ئىشلەپچىقارغان تۇنجى ئىككى ماشىنا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغانغا تاپشۇرۇلدى.

1969416
تۇنجى ئىككى «توگگ» ئەردوغان بىلەن رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغانغا تاپشۇرۇلدى
togg erdogan.jpg
togg.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت ئەنقەرەدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە توگگنىڭ T10X مودېلىنىڭ دەسلەپ ئىشلەپچىقىرىلغان ئىككى نۇسخىسىنى تاپشۇرۇپ بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان تۇنجى ئىشلەپچىقىرىلغان ئىككى ماشىنىنى تاپشۇرۇۋالدى.

ئەردوغان مۇراسىمدا سۆز قىلىپ: «بۈگۈن بىز خەلقىمىزنىڭ 60 يىللىق ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا شاھىت بولۇۋاتىمىز... بىز پەقەت تۈركىيەنىڭ يوللىرىدىلا ئەمەس، دۇنيانىڭ يوللىرىدىمۇ <توگگ>ىمىزنى كۆرىمىز. سۈرئەت دېسىڭىز سۈرئەت، راھەت دېسىڭىز راھەت، نېمىنى ئارزۇ قىلسىڭىز بۇنىڭدا (بۇ ماشىنىدا) بار» دېدى.

ئەردوغان يەنە ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋغىمۇ بۈگۈن پايتەخت باكۇدا توگگنىڭ يەتكۈزۈپ بېرىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنى ئۆزبېكىستانغا ئەۋەتىش ئۈچۈن ۋاقىت بېكىتىش خىزمىتىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان مۇراسىدا سۆز قىلىپ: «مەن دۆلىتىم نامىدىن پەخىرلىنىۋاتىمەن، ماشىنىنى ھەيدەشمۇ ناھايىتى راھەت. سىز ئۇنىڭدا ئۆزىڭىزنى خاتىرجەم ھېس قىلىسىز، ئەمگىكى سىڭگەنلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ بىر ئېسىل ماشىنا. خەيرىلىك بولسۇن» دېدى.

توگگنىڭ تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش سىخىدىن تۇنجى بولۇپ چىققان ماشىنىنىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تاپشۇرۇلۇشى بىلەن بىرلىكتە، 20 مىڭ ماشىنىنىڭ يىل ئاخىرىغىچە ئابونتلارغا تاپشۇرۇلۇش مۇساپىسى رەسمىي باشلانغان بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر