چاۋۇشئوغلۇ: لاۋروۋ تۈركىيەنى زىيارەت قىلىدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋنىڭ 6-7-ئاپرېل كۈنلىرى تۈركىيەنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1968927
چاۋۇشئوغلۇ: لاۋروۋ تۈركىيەنى زىيارەت قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە، رۇسىيە، سۈرىيە ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەر مۇئاۋىن مىنىستىر سەۋىيەسىدە قاتنىشىدىغان تۆت تەرەپ يىغىنىنىڭ 3-4-ئاپرېل كۈنلىرى رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا ئېچىلدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ ب د ت دىكى 30-مارت خەلقئارالىق نۆل ئەخلەت كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن يېتىپ كەلگەن نىيۇ يوركتا، تۈرك ئۆيىدە بىر گۇرۇپپا تۈركىيەلىك مۇخبىرلار بىلەن تاشقى سىياسەتتىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

ئۇ رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنىڭ تۈركىيە زىيارىتى توغرىسىدىكى سوئالغا، قاھرامانماراشتا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپەتلىرىدىن كېيىن، تۈركىيەنى زىيارەت قىلماقچى بولغان لاۋروۋنىڭ 6-7-ئاپرېل تۈركىيەدە بولىدىغانلىقىنى، زىيارەتتە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىدە ساقلىنىۋاتقان ئوخشىمىغان مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىندىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ يەر تەۋەرش ئاپەتلىرىدىن كېيىن رۇسىيەنىڭ كۆپ ياردەملەرنى قىلغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ: «كەڭ دائىرىدە سۆھبەتلىشىدىغان تېمىلار بار. ئاشلىق كېلىشىمىنى ئۇزارتىش مەسىلىسىمۇ بار. 30-مارت ب د ت باش كاتىپى بىلەنمۇ ئاشلىق كېلىشىمى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتۇق. رۇسىيە ئاشلىق كېلىشىمىنى 60 كۈن ئۇزارتىلىشىغا قوشۇلدى. 120 كۈن ئۇزارتىش ھازىرچە ئېنىق ئەمەس، بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدىمۇ سۆھبەتلىشىمىز» دېدى.

ئۇ لاۋروۋ بىلەن سۈرىيە، لىۋىيە ۋە باشقا رايون مەسىلىلەرنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سۈرىيەگە مۇناسىۋەتلىك سىياسىي مۇساپە، كۆچمەنلەرنىڭ ئەھۋالى ۋە يەر تەۋرەشلەردىن كېيىن ئۇ يەرلەرگە قىلىنىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى كۆپەيتىش مەسىلىلىرىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئاخىرىدا، مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى سەۋىيەسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان تۆت تەرەپ يىغىنىنىڭ 3-4-ئاپرېل كۈنلىرى موسكۋادا ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر