ئەردوغان: ھېچ نەرسە تۈركىيە ئەسىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىرادىمىزگە توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھېچ نەرسىنىڭ تۈركىيە ئەسىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىرادىلىرىگە توسقۇنلۇق قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈنۈگۈن ئەلاغىزدا ئەلازىغ ئاپەتكە چىداملىق تۇرالغۇلارنى بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش ۋە ئاممىۋى تۇرالغۇلارنىڭ ئاچقۇچلىرىنى ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە شەخسلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىش مۇرامىسىغا قاتناشتى.
ئەردوغان بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، يېقىنقى 20 يىل ئىچىدە ئەلازىغ شەھىرىگە 79 مىليارد لىرالىق مەبلەغ سېلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شەھەرلىك دوختۇرخانىمىزدىن ئايلانما يوللىرىمىزغىچە، توسمىلاردىن تەبىئىي گازغىچە ھەر ساھەدە ئەلازىغنى تارىخىدا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىدۇق.»
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «يەر تەۋرەش ئاپەتلىرى بىنالىرىمىزنى ۋەيران قىلىشى، جېنىمىزنى ئېلىشى، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار ۋە يۈكىمىزنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن، ئەمما ھەرقانداق بىر ئىش بىزنىڭ ئېتىقادىمىزنى، ئىرادىمىزنى ۋە ئۈمىدىمىزنى يوقىتىپ قويالمايدۇ، تۈركىيە ئەسىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىرادەمىزگە توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ھېچ ئۇخلىمايدىغان قەدىمىي شەھەر: ئىستانبۇل
ئىستانبۇل دۇنيادىكى 7 كۈن 24 سائەت ھېچ ئۇخلىمايدىغان قەدىمىي شەھەرلەردىن بىرى.