خۇلۇسى ئاقار دانىيەدىكى قۇرئان كەرىم ۋە تۈركىيە بايرىقىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار تۈنۈگۈن خاتايدا بايانات ئېلان قىلىپ، دانىيەدىكى ئىنسانىيەتكە خىلاپ جىنايەتنى ئەيىبلىدى.

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار دانىيەدىكى قۇرئان كەرىم ۋە تۈركىيە بايرىقىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ئۈستىدە توختىلىپ، «يېقىندا ياۋروپادا كۈچەيگەن بۇ دۈشمەنلەرچە، ۋەھشىيلەرچە ئىددىيە ۋە ھەرىكەتلەر دېموكراتىك قىممەت قاراشلارنى شۇنداقلا كەڭ قورساقلىق ۋە تەڭ مەۋجۇت بولۇش مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلدى» دېدى.
خۇلۇسى ئاقار تۈنۈگۈن خاتايدا ئېلان قىلغان باياناتىدا يەنە مۇنداق دېدى:
«بىز بۇ ھاكاۋۇر ۋە پەسكەش ھۇجۇمنى قىلغان، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان، نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىك بىلەن ئالجىغان مەخلۇقاتلارنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. بىز بۇ قىلمىشلارغا ھېسسىز، ساداسىز تۇرىۋېلىپ، بۇ ئىپلاسلارغا كۆز يۇمغان، ئۇلارغا جازا بەرمەي، ئۇلارنى گويا جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە رىغبەتلەندۈرگەنلەرنىمۇ جىنايەت شېرىكى دەپ ئېلان قىلىمىز ۋە ئەيىبلەيمىز»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

تۈركىيەنىڭ 13-نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغان بولدى
تۈركىيەنىڭ 13-نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسىلىكىگە رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سايلاندى.