ۋارانك: تۇنجى توگگ دۈشەنبە كۈنى ئەردوغانغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ

تۈركىيە سانائەت ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرى مۇستافا ۋارانك تۇنجى توگگنى دۈشەنبە كۈنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1968110
ۋارانك: تۇنجى توگگ دۈشەنبە كۈنى ئەردوغانغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سانائەت ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرى مۇستافا ۋارانك پايتەخت ئەنقەرەدە مۇخبىرلارنىڭ تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئاپتوموبىلى توگگنىڭ خېرىدارلارغا تاپشۇرۇپ بېرىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: «خۇدايىم بۇيرۇسا تۇنجى توگگنى ئەمىنە خانىم بىلەن بىرلىكتە ئەڭ دەسلەپ زاكاس قىلغان جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا دۈشەنبە كۈنى تاپشۇرۇپ بېرىمىز.»

ۋارانك ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەنمۇ كۆرۈشكەنلىكلىرىنى ۋە ئىككىنچى توگگنىڭ ئىلھام ئەلىيېۋغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە، بۇنىڭدىن كېيىن شىركەتنىڭ پىلانىغا ئاساسەن زاكاس قىلغان باشقا خېرىدارلارغا توگگنى تاپشۇرۇپ بېرىشكە باشلايدىغانلىقلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر