تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىنى تەستىقلىدى

فىنلاندىيەنىڭ ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى، ش ئا ئە ت) غا ئەزا بولۇشى توغرىسىدىكى كېلىشىمنى تەستىقلاش قانۇن تەكلىپى، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) نىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا قوبۇل قىلىندى.

1967945
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ تۈركىيە مىللىي مەجلىسىدە ماقۇللانغانلىقىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ تۋىتتېردا ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ: «بۇ بارلىق ناتو ئائىلىسىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە تېخىمۇ بىخەتەر قىلىدۇ» دېدى.

فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى سائۇلى نىنىشتەمۇ تۋىتتېردا بۇ ھەقتە ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ، ناتونىڭ 30 ئەزاسىنىڭ فىنلاندىيەنىڭ ئەزالىقىنى تەستىقلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بۇ دۆلەتلەرگە فىنلاندىيەگە ئىشەنگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىپ: «فىنلاندىيە  ناتونىڭ بىخەتەرلىكىگە ئۆزىنى ئاتىغان كۈچلۈك ۋە ئىقتىدارلىق ئىتتىپاقداش بولىدۇ. فىنلاندىيە ناتوغا قوشۇلۇشقا تەييار. بىز شىۋېتسىيەنىڭ بالدۇرراق بىزگە قوشۇلۇشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىمىز» دېدى.

فىنلاندىيە باش مىنىستىرى ساننا مارىنمۇ قوللىغان بارلىق دۆلەتلەرگە تەشەككۈر ئېيتىپ: «بىز ئىتتىپاقداش بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۆزئارا بىخەتەرلىكىمىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز، بىر-بىرىمىزنى قوغدايمىز. فىنلاندىيە ھازىر ۋە كەلگۈسىدە شىۋېتسىيەنىڭ يېنىدا، ناتوغا كىرىشىنى قوللايدۇ» دېدى.

فىنلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ تۋىتتېردا ناتوغا ئەزا بولۇش جەريانى توغرىسىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇردا: «رەھمەت! بىز تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىنى تەستىقلىغانلىقىدىن مىننەتدارمىز» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر