ت ر ت ئافرىقا قانىلى رەسمىي تارقىتىشنى باشلىدى
تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى-ت ر ت ئافرىقا قىتئەسىدىكى ھېكايىلەرنى تۆت خىل تىلدا (سۇھالى ، ئىنگلىزچە ، خاۋسا ۋە فىرانسۇزچە) يەتكۈزۈش مەقسىتىدە، يېڭى رەقەملىك خەۋەر سۇپىسى-ت ر ت ئافرىقا قانىلى (TRT Afrika) نى ئىشقا كىرىشتۈردى.


تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ت ر ت ئافرىقا قانىلى ت ر ت بىلەن ئافرىقا ئاخبارات بىرلەشمىسى ئىستانبۇلدا ئۇيۇشتۇرغان «بىرىنچى تارقىتىش يىغىنى» نىڭ ئىككىنچى كۈنى، يەنى بۈگۈن (جۈمە) بىۋاسىتە تارقىتىشنى باشلىدى. ئۈچ كۈن پىلانلانغان ت ر ت ئافرىقا قانىلى باشلىقلار يىغىنى 30-مارت باشلاندى.
ت ر ت نىڭ بىر تەرەپ ۋە ھەممىگە قۇچاق ئاچقان خەۋەرچىلىك نىشانلىرىغا ئۇيغۇن ھالدا كۆرۈرمەنلىرىگە ئافرىقا ھەققىدە باشقىچە كۆز قاراش سۇنىدىغان ت ر ت ئافرىقا قانىلىدا، قىتئە ئۈچۈن مۇھىم دۇنياۋى ھېكايىلەر، تەڭپۇڭ ئۇچۇرلار، مول ۋە ئەڭ يېڭى ھېكايىلەر تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.
بۇ قانال يەنە، دىياسپورادىكى ئافرىقا ۋە ئافرىقالىقلارنىڭ ھېكايىلىرىنى ھەمبەھىرلەپ، ئۇلارنىڭ يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئۆزگىچە يۇغۇرۇپ، ئۇلارنى دۇنيادىكى ۋەقەلەرنىڭ مەركىزىگە قويىدۇ.
قىتئەدىكى ئوخشىمىغان 15 دۆلەتتىن كەلگەن خادىملىرى بار ت ر ت ئافرىقا قانىلىنىڭ رەقەملىك نىشانى، ئافرىقا كۆرۈرمەنلىرى ئۈچۈن مۇھىم ھېكايىلەرگە ئورۇن ئاجرىتىش، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق دۇنيادىكى تەرەققىياتلارنى يېقىندىن كۆزىتىدىغان ياشلارغا يۇقىرى سۈپەتلىك مەزمۇنلارنى بارلىققا كەلتۈرۈش ۋە بۇ ئارقىلىق قىتئەدىكى ئىشەنچلىك خەۋەر مەنبەسىگە ئايلىنىش.
پەيشەنبە كۈنى (30-مارت) ئۆتكۈزۈلگەن ت ر ت ئافرىقا قانىلى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش نۇتۇقلىرىنى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، ت ر ت باش مۇدىرى مەھمەت زاھىد سوباجى ۋە ئافرىقا ئاخبارات بىرلەشمىسىنىڭ پىشقەدەم باشلىقى گرېگورى ندژاكا سۆزلىدى.
يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنى، يەنى پەيشەنبە كۈنى ئافرىقا ئاخبارات بىرلەشمىسىنىڭ ۋەكىللىرى «ئىمكانىيەتلىك سىجىل كېلەچەككە قاراپ: ئاممىۋى تارقىتىش خىزمىتىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈش» تېمىسى ئاستىدا بىر يەرگە جەم بولدى.
16 ئافرىقا دۆلىتىدىن كەلگەن 23 ژۇرنالىستقا «ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇمى مەزگىلىدە تاراتقۇنىڭ ئۆزگىرىشى»، «ژۇرنالىستلىقنىڭ ئۆزگىرىشىگە تېخنولوگىيەنىڭ قوشقان تۆھپىسى»، «غەرب مىللەتلىرى ئۇسۇلىغا قارشى پايدىلىنىدىغان قوراللار» دېگەن تېمىلاردا دەرس ئۆتۈلدى.
جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنلاردا «ئاممىۋى خىزمەت تاراتقۇ ئەينىكىدە تۈركىيە-ئافرىقا مۇناسىۋەتلىرى: ئورتاق قاراش ۋە كەلگۈسىنىڭ قىيىنچىلىقلىرى»، «تەرەققىي قىلىۋاتقان تېخنولوگىيەلەر ۋە يېڭى تاراتقۇلار دەۋرىدە، ئاممىۋى تارقىتىش خىزمىتىنىڭ كەلگۈسى: ئافرىقا ۋە تۈركىيە ئاممىۋى تاراتقۇلار رەقەملىك دەۋردە قانداق قىلىپ ئەڭ يېڭى ھالەتتە تۇرالايدۇ؟» ۋە «يەر شارى خەۋەرلىرىنىڭ ئۆزگىرىش يۈزلىنىشى: تېخىمۇ ئادىل دۇنيا ئۈچۈن ئورتاق نىشان ئاستىدا ئافرىقا ھېكايىلىرىنى چۈشىنىش» دېگەن تېمىلار مۇزاكىرە قىلىندى.
باشلىقلار يىغىنى «ئافرىقا تەسەۋۋۇرىنى يېڭى نىشان بىلەن چۈشەندۈرۈش» تېمىسىدىكى يىغىنلار بىلەن داۋاملىشىدۇ.