جۇمھۇر رەئىس نامزاتلىرىنىڭ تىزىملىكى رەسمىي گېزىتتە
ئالىي سايلام كېڭىشىنىڭ جۇمھۇر رەئىس نامزاتلىرىنىڭ تىزىملىكى توغرىسىدىكى قارارى رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىندى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە، كەمال قىلىچدارئوغلۇ، مۇھەررەم ئىنجە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە سىنان ئوغان نامزاتلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.
ئالىي سايلام كېڭىشىنىڭ قارارىدا، 28-مارت رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىنغان جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى مۇۋەققەت جۇمھۇر رەئىس نامزاتلىرى تىزىملىكىگە بىلدۈرۈلگەن ئېتىرازلارنىڭ قاراپ چىقىلىش نەتىجىسىدە رەت قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
جۇمھۇر رەئىسلىك ۋە 28-نۆۋەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى ئومۇمىي سايلىمى 2023-يىلى 14 – ماي يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى ئىككىنچى باسقۇچقا قالغان تەقدىردە، ئىككىنچى باسقۇچلۇق سايلام 2023-يىلى 28-ماي يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، جۇمھۇر رەئىس نامزاتلىرىنىڭ سايلىنىش ئۈچۈن مۇتلەق كۆپ ساندىكى كۈچكە ئىگە بېلەتكە (كەم دېگەندە% 50 + 1 بېلەت) ئېرىشىشى شەرت ئىكەن.