ئەردوغان ئابباس ۋە تېببۇن بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس ۋە ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى ئابدۇلمەجىد تېببۇن بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا تېلېفونلاشتى.

1966546
ئەردوغان ئابباس ۋە تېببۇن  بىلەن تېلېفونلاشتى
Cumhurbaşkanı Erdoğan - Cezayir Cumhurbaşkanı Tebbun.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس بىلەن تېلېفونلاشتى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباسنىڭ تېلېفونلىشىپ،  بىر – بىرىنىڭ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلىگەنلىكىنى، تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، ئەردوغاننىڭ پەلەستىننىڭ يەر تەۋرەشلەردىن كېيىن نامايان قىلغان ھەمكارلىق روھىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، تۈركىيەنىڭ پەلەستىننى ھەر جەھەتتىن قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى ئابدۇلمەجىد تېببۇن بىلەنمۇ تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېلېفون سۆھبىتىدە تۈركىيە- ئالجىرىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى ۋە رايونغا ئالاقىدار ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆھبەت جەريانىدا، ئالجىرىيەنىڭ تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەشلەردىن كېيىن نامايان قىلغان ھەمكارلىق روھى ۋە قىلغان ياردەملىرى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتقان.

رەھبەرلەر ئۆزئارا بىر – بىرلىرىنىڭ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر