تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار تىزىملىكىدىكى بىر تېررورچى قولغا چۈشۈرۈلدى
ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېرروچىلار تىزىملىكىنىڭ كۈلرەڭ كاتېگورىيەسىگە ئىسمى كىرگۈزۈلگەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك نىڭ «ھارۇن ئەلباك» كود ئىسىملىك ئەزاسى سەلىم ئادىيامان شىرناقتا قولغا چۈشۈرۈلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، شىرناقنىڭ ئىدىل ناھىيەسى ئارقىلىق چەت ئەلگە قېچىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان تېررورچى سەلىم ئادىياماننىڭ «26 – نۆۋەتلىك كۈزلۈك- قىشلىق ئەرەن قامال قىلىش — شېھىت ژاندارما سېرژانت ئىسلام چۇبۇك زەربە بېرىش ھەرىكىتى» دائىرىسىدە ۋىلايەتلىك ژاندارما قوماندانلىق مەركىزى خادىملىرى تەرىپىدىن تىرىك قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
تېررورىستنىڭ ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورىستلار تىزىملىكىنىڭ كۈلرەڭ كاتېگورىيەسىگە ئىسمى كىرگۈزۈلگەن «ھارۇن ئەلباك» كود ئىسىملىك سەلىم ئادىيامان ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئەلباكنىڭ قولغا چۈشۈرۈلۈشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، ژاندارما خادىملىرىنى تەبرىكلىدى.