شەنتوپ فىرانسىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزالىرىنىڭ فىرانسىيە پالاتاسىدا كۈتۈۋېلىنىشى ۋە تېررورچىلارغا مېدال تەقدىم قىلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى شەنتوپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ فىرانسىيە پالاتاسىدا كۈتۈۋېلىنىشىنىڭ تولىمۇ خەتەرلىك ھەمدە ھەيران قالارلىق ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
پارلامېنت باشلىقى شەنتوپ فىرانسىيەنىڭ ئىلگىرىمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئوچۇق - ئاشكارا ياكى مەخپىي يوسۇندا مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ پۈتكۈل دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئايان ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «پارلامېنت باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنى بايان قىلىشىم كېرەككى، بىر دۆلەتنىڭ پارلامېنتىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنى كۈتۈۋېلىشى شۇ ئورگاننىڭ ئابرويىنى تۆكىدۇ. بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىلىرى بىلەن ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى پۈتكۈل دۇنياغا پارلامېنتى ئارقىلىق نامايان قىلغان فىرانسىيەدىن قانۇنغا، ئىنسانلىققا ۋە زامانىۋى ئىشەنچىلىك دۆلەت بولۇش پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن شەكىلدە ھەرىكەت قىلىشىنى كۈتمەكتىمىز.»
ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە پارتىيە باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزالىرىنىڭ فىرانسىيە پالاتاسىدا كۈتۈۋېلىنىشىنىڭ فىرانسىيەگە نىسبەتەن نومۇس قىلارلىق ئىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بۇمۇ تۈركىيە-فىرانسىيە دوستلۇقىغا زىيان يەتكۈزۈش نىشان قىلىنغان ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتىدۇر. بۇ شەرمەندىلىكنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز.»