شىمالىي ئىراقتا ئىككى تېررورچى تەسلىم بولدى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنچە – كىلىت ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچى يوشۇرۇنۇۋالغان ئۆڭكۈردىن چىقىپ تەسلىم بولدى.

1966359
شىمالىي ئىراقتا ئىككى تېررورچى تەسلىم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ تەسلىم بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇ دائىرىدە، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنچە – كىلىت ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچىنىڭ يوشۇرۇنۇۋالغان ئۆڭكۈردىن چىقىپ تۈركىيە ئارمىيەسىگە تەسلىم بولغانلىقىنى ئۇقتۇرى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر