چاۋۇشئوغلۇ گۋىنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ پايتەخت ئەنقەرەدە گۋىنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى موررىساندا كوياتې بىلەن كۆرۈشتى.
1966134

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ پايتەخت ئەنقەرەدە گۋىنىيە تاشقى ئىشلار قوشۇمچە خەلقئارا ھەمكارلىق، ئافرىقا بىلەن بىر گەۋدىلىشىش ۋە چەت ئەلدىكى گۋىنىيەلىكلەر مىنىستىرى موررىساندا كوياتې بىلەن كۆرۈشتى.
مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، 6-فېۋرالدىكى قاھرامانماراشنى مەركەز قىلغان يەر تەۋرەشلەردىن كېيىن، گۋىنىيە خەلقى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ھەمكارلىق روھىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن مەنسەپدىشى كوياتېغا رەھمەت ئېيتتى.