مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئانتونىيو گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
1965291
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بۈگۈن (26-مارت) ب د ت نىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى. سۆھبەتتە دۆلىتىمىزنىڭ رەھبەرلىكىدە ب د ت دا باشلانغان <نۆل تاشلاندۇق> تەشەببۇسى ۋە ئىستانبۇل ئاشلىق كېلىشىمى مۇزاكىرە قىلىندى» دېيىلدى.