خۇلۇسى ئاقار دانىيەدە قۇرئان كەرىمگە ۋە تۈركىيە بايرىقىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار دانىيەدە قۇرئان كەرىمگە ۋە تۈركىيە بايرىقىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ھاتايدىكى چېگرا ساقچى پونكىتىدا كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى.
خۇلۇسى ئاقار تۈركىيەنىڭ دانىيەدىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا قۇرئان كەرىمگە ۋە تۈركىيە بايرىقىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ: «بۇلارنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز ۋە لەنەت ئوقۇيمىز. بۇنى ھەر قانداق شەكىلدە پىكىر ئەركىنلىكى دەپ چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ. ئاتالمىش پىكىر ئەركىنلىكى نامىدا قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئېلىۋاتقانلار ھەقىقەتەن چوڭ خاتالىق ئىچىدە تۇرماقتا» دېدى.
خۇلۇسى ئاقار بۇ خىل ئىغۋاگەرچىلىكلەرگە كۆز يۇمۇش ۋە يول قويۇشنىڭ ئىنسانىيەتكە خىلاپ، نەپرەت جىنايىتىگە شېرىك بولغانلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار: «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىمىزدىن شۇنداقلا ئىتتىپاقداش بولۇشقا كاندىدات بولغانلاردىن بۇ مەسىلىگە تېخىمۇ سەزگۈر مۇئامىلە قىلىشىنى، بۇ قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانغان مەخلۇقلارغا دەرھال كېرەكلىك جازا بېرىش ۋە مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەر يولغا قويىدىغان تەدبىرلەرگە ئوخشاش تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىشنى خالايمەن» دېدى.