ئەردوغان بىلەن كامال قىلىچدارئوغلۇنىڭ نامزاتلىق ئىلتىماسى رەسمىي قوبۇل قىلىندى
جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى ئۈچۈن جۇمھۇر ئىتتىپاقىنىڭ جۇمھۇر رەئىس نامزاتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن مىللەت ئىتتىپاقىنىڭ جۇمھۇر رەئىس نامزاتى كامال قىلىچدارئوغلۇنىڭ نامزاتلىق ئىلتىماسى قوبۇل قىلىندى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈكىيە سايلام ئالىي كېڭىشىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى ۋە 28 - قېتىملىق پارلامېنت ئەزالىرى ئومۇمىي سايلىمىدا يولغا قويۇلىدىغان سايلام كالېندارىغا ئاساسەن 2023 - يىلى 19 - مارت يەكشەنبە كۈنىدىن باشلىنىپ، 2023 - يىلى 23 - مارت پەيشەنبە كۈنى سائەت 17:00 گىچە سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ سايلام ئالىي كېڭىشى ھەيئىتىگە سۇنغان ئىلتىماسلىرى تەكشۈرۈلگەن.
تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ۋە مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى گۇرۇپپىلىرى تەرىپىدىن نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى ۋە ياخشى پارتىيە گۇرۇپپىلىرى تەرىپىدىن نامزات كۆرسىتىلگەن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى رەئىسى كامال قىلىچدارئوغلۇنىڭ ئىلتىماس ھۆججەتلىرىدە ھېچ قانداق كەم قالغان ھۆججەت يوقلىقى ۋە نامزاتلىق ئىلتىماسلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقى ئېلان قىلىندى.