تۈركىيە دانىيەدىكى قۇرئان كەرىمگە ۋە تۈركىيە بايرىقىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى دانىيەدە قۇرئان كەرىمگە ۋە تۈركىيە بايرىقىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىرلىقنىڭ بۇ ھەقتە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «دانىيەدە مۇقەددەس كىتابىمىز قۇرئان كەرىمنى ۋە شانلىق بايرىقىمىزنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان رەزىل، ۋەھشىي ۋە يىرگىنچلىك ھۇجۇمنى مىللىتىمىز ۋە ئىنسانىيەت نامىدىن ئەيىبلەيمىز. دانىيەنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بايلىقىغا ئايلانغان مۇقەددەساتلارغا قىلىنغان ھۇجۇملارغا <پىكىر ئەركىنلىكى> دەپ يول قويۇشى، نەپرەت جىنايىتىگە شېرىك بولغانلىقىدۇر. ئىنسانىيەتكە قەرشى جىنايەتتۇر. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دانىيەنىڭ بۇ پەسكەشلەرچە تېررورلۇق ھۇجۇمىغا يول قويۇشتەك مەسئۇلىيەتسىزلىك پوزىتسىيەسى، ھەم ئىتتىپاقداشلىق روھىغا، ھەم ئالەمشۇمۇل قىممەت قاراشلارغا زىتتۇر. بۇ خاتا پوزىتسىيە ئۆز خەلقىنىڭمۇ تىنچلىق مۇھىتىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. دانىيە دەرھال خاتالىقتىن يېنىشى، مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەرنى ئۈلگە ئېلىشى ۋە بۇ نەپرەت جىنايىتىنى سادىر قىلغان مەخلۇقلاردىن دەرھال ھېساب سورىشى لازىم» دېيىلدى.
مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتايمۇ ئالدىنقى كۈنى دانىيەدە قۇرئان كەرىمگە ۋە تۈركىيە بايرىقىغا قىلىنغان ھۇجۇمغا لەنەت ئوقۇپ، بۇ ھەرىكەتلەرگە يول قويغان دانىيە دائىرىلىرىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.
فۇئات ئوكتاي ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «دانىيەدە مۇقەددەس كىتابىمىز قۇرئان كەرىمگە ۋە شانلىق بايرىقىمىزغا قىلىنغان رەزىل ھۇجۇمنى لەنەتلەيمىز، دانىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكەتلەرگە يول قويغانلىقىنى ئەيىبلەيمىز. دانىيە دائىرىلىرىنى بالدۇرراق بۇ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىرىغا قارىتا كونكرېت قەدەملەرنى تاشلاشقا چاقىرىمىز» دېگەن ئىدى.