ئەردوغان پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ تېلېفونلىشىپ، تۈركىيە - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ قەدەملىرى ۋە رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىنغا قارا دېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش مەسىلىسىگە تۇتقان ئاكتىپ پوزىتسىيەسى ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن ئەردوغان، ئۆزىنىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى سۆھبەت ئارقىلىق تېزدىن ئاخىرلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سوچىدا ماقۇللانغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلار ئاساسىدا يېڭى قەدەملەرنى تاشلاشلىرىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتكەن.