ئەردوغان پۇرسەت تاپسىلا ئاپەت رايونىغا بېرىپ خىزمەتلەرنى يېقىندىن كۆزىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پۇرسەت تاپسىلا يەر تەۋرەش رايونىغا بېرىپ، شەھەرلەرنى قايتا قۇرۇش خىزمەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
1964875
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان خاتايدىكى كوللېكتىپ ئىپتار زىياپىتىدىكى سۆزىدە، 6-فېۋرالدىكى يەر تەۋرەشتە ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان رايونلاردا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ: «بۇنداق ئېغىر ئاپەتنى پەقەت ئۆزئارا ھەمكارلاشقىنىمىزدا، دۆلەت ۋە خەلق مۈرىنى مۈرىگە تىرىگىنىمىزدە، قەلبلەرنى بىرلەشتۈرگىنىمىزدىلا يېڭەلەيمىز. بىز ئەتىياز ۋە ياز ئايلىرىدىن ئەڭ ياخشى شەكىلدە پايدىلىنىپ، شەھەرلىرىمىزنى قايتا قۇرۇش يولىدا كۆرۈنەرلىك مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈشنى خالايمىز» دېدى.