ئەردوغان قاھرامانماراشتا يەر تەۋرەشتە تالاپەتكە ئۇچرىغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئىپتار قىلدى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قاھرامانماراشتىكى قاراجاسۇ كونتېينېر شەھىرىدە شېھت، غازى ۋە يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغان ئائىلىلەر بىلەن بىرلىكتە ئىپتار قىلدى.

1964413
ئەردوغان قاھرامانماراشتا يەر تەۋرەشتە تالاپەتكە ئۇچرىغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئىپتار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 6 – فېۋرال كۈنى قاھرامانماراشنى مەركەز قىلغان تۈركىيەنىڭ 11  ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغانلار تۇرۇۋاتقان قاھرامانماراش ۋىلايىتىنىڭ كونتېينېر شەھىرىدە شېھت، غازى ۋە يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغان ئائىلىلەر بىلەن بىرلىكتە ئىپتار قىلدى.

ئەردوغان ئىپتاردىن كېيىن قىلغان سۆزىدە، بۇ يىلقى مۇبارەك رامىزان ئېيىنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىدە نۇرغۇن كىىشى ھاياتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى مۇسىبەتلىك بىر پەيتكە توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن رامىزاننىڭ دەرد - ئەلەم ئىچىدە كۈتۈۋېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، ئۇلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرى ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا سەۋر – تاقەت، دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىۋاتقان يارىدارلارغا شىپالىق تىلىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 14 مىليون كىشىنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنى ئاستىن - ئۈستۈن  قىلىۋەتكەن بىر ئاپەتنىڭ ئالدىدا قەيەردە يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر ھەممە ئادەمنىڭ بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ئۇلارنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇرۇشىمىز، بىزنىڭ ئۇلارغا بولغان مەسئۇلىيىتىمىز ۋە قېرىنداشلىك بۇرچىمىزنىڭ تەقەززاسىدۇر.»

ئەردوغان سۆزىدە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش توغرىلىقمۇ توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى دۆلىتىمىز ۋە مىللىتىمىز ئۈچۈن تەھدىت ئامىلى بولۇشتىن چىقىرىلغانغا قەدەر زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىمىز دۆلەت ئىچى-سىرتىدا ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ. بىز تېررورىزمنى يېڭىپلا قالماستىن، يەنە بۇ پەسكەشلەرنى قوللاۋاتقانلارنىڭ، يانتاياق بولۇۋاتقانلارنىڭ، ئۇلارنى ھەددى - ھېسابسىز قورال - ياراغ ۋە ئوق - دورا بىلەن تەمىنلەۋاتقانلارنىڭ شۇم پىلانلىرىنىمۇ چوقۇم بىتچىت قىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر