ئەردوغان: دۆلىتىمىزنىڭ بىر تامچە سۇيىنىڭ بېكار ئېقىپ كېتىشىگە رازى بولمىدۇق

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئالدىمىزدىكى ئەسىرنىڭ ئەڭ ئىستراتېگىيەلىك بايلىقى بولغان سۇ مەنبەلىرىنى قوغداش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1963667
ئەردوغان: دۆلىتىمىزنىڭ بىر تامچە سۇيىنىڭ بېكار ئېقىپ كېتىشىگە رازى بولمىدۇق

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا دۇنيا سۇ كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

ئەردوغان سۇنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن يازمىسىدا مۇنداق دېدى:

«بىز جۇمھۇرىيەت تارىخىدا ئومۇمىي ياسالغان سۇ ئامبارلىرىدىن ئىككى ھەسسە ئارتۇق ئامبارلارنى 21  يىلدا ياسىدۇق، دۆلىتىمىزنىڭ بىر تامچە سۇيىنىڭ بېكار ئېقىپ كېتىشىگە رازە بولمىدۇق. ئالدىمىزدىكى ئەسىرنىڭ ئەڭ ئىستراتېگىيەلىك بايلىقى بولغان سۇ مەنبەلىرىمىزنى قوغداش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشىشنى داۋاملاشتۇرىمىز»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر