ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئاۋات ئايرودۇرۇم بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى فېۋرال ئېيىدا 1269 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئاۋات ئايرودۇرۇم بولدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ھاۋا يوللىرى بىخەتەرلىك تەشكىلاتى (EUROCONTROL) فېۋرال ئېيىغا مۇناسىۋەتلىك ھاۋا قاتنىشى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.
دوكلاتقا قارىغاندا، تۈركىيە ئايرودۇرۇملىرى فېۋرال ئېيىدا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2384 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن ياۋروپا بويىچە 7 –بولغان.
بۇ مەزگىلدە ئۇچۇش سانى ئەڭ كۆپ بولغان ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ئىچىدە، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1309 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن 2 -، پېگاسۇس ئاۋىياتسىيە شىركىتى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 386 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن 11 – بولغان.
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1269 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئاۋات ئايرودۇرۇم، ئىستانبۇل سابىھا گۆكچەن ئايرودۇرۇمى بولسا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 538 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن ياۋروپا بويىچە 14 – بولغان.