ئىتالىيەلىك داڭلىق سەنئەتچى تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەشتە زىيانغا ئۇچرىغۇچىلارنى زىيارەت قىلدى

ئىتالىيەلىك داڭلىق سەنئەتچى مىچېل موررون ۋە قىز دوستى موارا سوريو تۈركىيەگە كېلىپ، يەر تەۋرەشتە زىيانغا ئۇچرىغۇچىلارغا ياردەم بېرىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى.

1961738
ئىتالىيەلىك داڭلىق سەنئەتچى تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەشتە زىيانغا ئۇچرىغۇچىلارنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيەلىك ئارتىس مىچېل موررون زىيارىتىگە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ھەمبەھىرلەپ، «يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان 11 ۋىلايەتنىڭ بىرسى بولغان خاتايغا كەلدۇق. بۇ يەردىكى بالىلارغا يېمەكلىك، سۇ، كىيىم-كېچەك ۋە ئويۇنچۇقلارنى ئېلىپ كەلدۇق. باشتىن كەچۈرگەن سەلەبىي ئەسلىمىلىرىنى ئۇنتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ۋاقىت ئۆتكۈزىمىز» دېدى.

مىچېل موررون شەھەر مەركىزىدە ئىكەنلىكلىرىنى ۋە نۇرغۇن بىنالارنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ھازىرمۇ ياردەمگە ئېھتىياجى بار، ئەتە ياكى كەلگۈسىدە ئەمەس، ھازىر ۋە دەرھال ياردەم قىلىشىمىز لازىم» دېدى.

مىچېل موررون چېدىر شەھەرلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئېلىپ كەلگەن سوۋغاتلارنى تارقاتتى.

ئىلگىرىمۇ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدا ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى قوللىغان سەنئەتچى مىچېل مورروننىڭ ئۇچۇرلىرىغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئىجابىي ئىنكاسلار قايتۇرۇلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر