تۈركىيەدە 6 - فېۋرالدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 49 مىڭ 589 غا يەتتى
6 - فېۋرالدا يۈز بەرگەن ۋە 11 ۋىلايەتكە تەسىر كۆرسەتكەن قاھرامانماراش مەركەزلىك يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 49 مىڭ 589 كىشىگە يەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي يەر تەۋرەشتىن كېيىن ئاپەت ۋە جىددىي ھالەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان خىزمەتلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
فۇئات ئوكتاي: «يەر تەۋرەش ئاپىتى سەۋەبىدىن، 6807 نەپەر چەتئەل پۇقراسىنى قوشقاندا، جەمئىي 49 مىڭ 589 كىشىدىن ئايرىلىپ قالدۇق» دېدى.
يەر تەۋرەش رايونىدا چېدىر ۋە كونتېينېر ئورنىتىش خىزمەتلىرىنىڭ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان فۇئات ئوكتاي، چېدىرلاردا 1 مىليون 921 مىڭ پۇقراغا ۋە كونتېينېرلاردا جەمئىي 96 مىڭ 444 پۇقراغا پاناھلىنىش مۇلازىمىتى سۇنۇلغانلىقىنى ئېيتتى.
فۇئات ئوكتاي ئادىيامان ۋە شانلىئۇرفادا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، ئاپەتتە 18 پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە 3 پۇقرانى ئىزدەش - تېپىش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
بۈگۈن پۈتۈن تۈركىيە پەلەستىن ئۈچۈن يۈرۈش قىلىدۇ
بۈگۈن تۈركىيە مىقياسىدا پەلەستىننى قوللاش يۈرۈشى ئۆتكۈزۈلىدۇ.