مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MIT) سۈرىيەدە پ ك ك كاتىۋاشلىرىدىن بىرنى ئۇجۇقتۇردى

مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MIT) سۈرىيەدە ئېلىپ بارغان ھەرىكەت بىلەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ ي پ گ نىڭ ئاتالمىش ​​ھەلەب ۋە تېل رىفات مالىيە مەسئۇلى لەقەملىق مەھمەت يىلدىرىمنى بىر تەرەپ قىلدى.

1961801
مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MIT) سۈرىيەدە پ ك ك كاتىۋاشلىرىدىن بىرنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىخەتەرلىك مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ھەلەبنىڭ شەيخ مەقسۇد رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچى يىلدىرىمنىڭ 1986 - يىلى پ ك ك غا قاتناشقانلىقى ۋە تەشكىلاتنىڭ ئەڭ كونا ئەمەلدارلىرىدىن بىرسى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

يىلدىرىمنىڭ تۈركىيە ۋە ئىراقتىكى تېرورلۇق ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن سۈرىيەگە كەتكەنلىكى ۋە پ ك ك/ ي پ گ كاتىۋاشلىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئاتالمىش ​​مالىيە مەسئۇلى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەنلىكى ئېنىقلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر