ئاقار: تېررورچىلارغا تىك ئۇچار بەرگەنلەر نەق مەيداندا پاش بولۇپ قالدى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، «پ ك ك / ي پ گ قوللىغۇچىلىرى تېررورچىلارغا تىك ئۇچار بېرىش ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم نەق مەيداندا پاش بولدى» دېدى.
1961643

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارنى ئېلىپ كېتىۋاتقان ئەسنادا چۈشۈپ كەتكەن فىرانسىيەنىڭ ئايرباس شىركىتى ئىشلەپچىقارغان تىك ئۇچار ئايروپىلان توغرىسىدا توختىلىپ، «پ ك ك / ي پ گ قوللىغۇچىلىرى تېررورچىلارغا تىك ئۇچار بېرىش ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم نەق مەيداندا پاش بولدى» دېدى.