تۈركىيە ياۋروپا پارلامېنتىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقى - ئەرمېنىيە مۇناسىۋىتى» دوكلاتىغا نارازىلىق بىلدۈردى.
1961578

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنقەرە، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقى - ئەرمېنىيە مۇناسىۋىتى» دوكلاتىدىكى 1915- يىلىدىكى ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئەيىبلەشلەرنىڭ تارىخىي پاكىتلار ۋە خەلقئارا قانۇن قائىدىلىرىگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ تۈركىيەگە نىسبەتەن كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.