ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئەردوغاننى جۇمھۇر رەئىسلىككە نامزات كۆرسىتىشنى قارار قىلدى
ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجىلىسى (ت ب ب م) دىكى پارتىيە گۇرۇپپىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى جۇمھۇر رەئىسلىككە نامزات كۆرسىتىشنى قارار قىلدى.
1960818

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجىلىسى (ت ب ب م) دىكى پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىن چاقىرىپ، 15 – مايدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان سايلاملاردا پارتىيە رەئىسى ئەردوغاننى جۇمھۇر رەئىسلىككە نامزات كۆرسىتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.