ئەردوغان ئەنقەرەدە توقايېۋ بىلەن كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ بىلەن كۆرۈشتى.
1960815

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ پايتەخت ئەنقەرەدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن قارشى ئېلىندى؛ تارىختا قۇرۇلغان 16 تۈرك دۆلىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بايراقلار بىلەن ئەسكەرلەر ئورۇن ئالغان كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى جەريانىدا، ئەردوغان بىلەن توقايېۋ تۈركىيە ۋە قازاقىستان بايراقلىرى ئالدىدا تۇرۇپ مۇخبىرلارنىڭ سۈرەتكە تارتىۋېلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى؛ ئارقىدىن يېپىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.