شانلىئۇرفا ۋە ئادىياماندىكى سۇ ئاپىتىدە قازا قىلغانلار سانى 12 گە يەتتى

شانلىئۇرفا ۋە ئادىياماندا يۈ زبەرگەن سۇ ئاپەتلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 14 كە يەتتى.

1960475
شانلىئۇرفا ۋە ئادىياماندىكى سۇ ئاپىتىدە قازا قىلغانلار سانى 12 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ تۈنۈگۈن (15-مارت) يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتى ھەققىدە بايانات بېرىپ: «شانلىئۇرفادا 12 پۇقرايىمىز، ئادىياماندا ئىككى پۇقرايىمىز ھاياتىدىن ئايرىلدى. بەش كىشىنى ئىزدەش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ... زىياننى بېكىتىش خىزمىتى دەرھال باشلاندى» دېدى.

ئىگىلىنىشچە، شانلىئۇرفادا ئىككى كۈندە ياغقان ھۆل-يېغىننىڭ مىقدارى يىللىق ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولغان.

رايوندا شىددەتلىك يامغۇر ياغىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر