ئەردوغان: فىنلاندىيەگە بەرگەن ۋەدىمىزنى ئورۇندايمىز

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان (ئادالەت ۋە تەرەققىيات) پارتىيەسىنىڭ  تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجىلىسى (ت ب ب م) دىكى گۇرۇپپا يىغىنىدىن كېيىن، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

1960334
ئەردوغان: فىنلاندىيەگە بەرگەن ۋەدىمىزنى ئورۇندايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان (ئادالەت ۋە تەرەققىيات) پارتىيەسىنىڭ  تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجىلىسى (ت ب ب م) دىكى گۇرۇپپا يىغىنىدىن كېيىن، مۇخبىرلارنىڭ فىنلاندىيەنىڭ ناتو ئەزالىقى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ: «جۈمە كۈنى پىرېزىدېنت ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ، بەرگەن ۋەدىمىزنى ئورۇندايمىز» دېدى.

فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى سائۇلى نىئىنىستو جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈركىيەگە كېلىدۇ.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى نىئىنىستونىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 16 -، 17- مارت كۈنلىرى تۈركىيەدە خىزمەت زىيارىتىدە بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، 17-مارت جۈمە كۈنى ئىستانبۇلدا ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى پىلانلىنىۋاتقان ئۇچرىشىشلاردا، تۈركىيە-فىنلاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى كۆزدىن كەچۈرۈلۈپ، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، سۆھبەت ئەسناسىدا ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتتىن باشقا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتونىڭ مادرىد باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا ئىمزالانغان ئۈچ تەرەپ كېلىشىمى ئاساسىدا، فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش ئىلتىماسى، تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى، رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە دۇنياۋى مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭمۇ پىلانلىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

تۈركىيە، 28-ئىيۇن ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدتا ئۆتكۈزۈلگەن ناتو باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا ناتوغا ئەزالىق ئىلتىماسى سۇنغان فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ئوچۇق – ئاشكارا قوللاۋاتقان مەزكۇر ئىككى دۆلەتنىڭ تېررورچىلارنى قوللاشنى توختىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار مەسىلىلەر توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغان بولۇپ، ئەنقەرە نۆۋەتتە بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ كېلىشمدىكى ۋەدىلىرىنى ئورۇندىشىنى كۈتمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر