قالىن: ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە تېخىمۇ كەڭ دىيالوگقا ئېھتىياجلىق

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن ئامېرىكا سودا بىرلەشمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا-تۈركىيە سودا-سانائەتچىلەر مۇنبىرىگە قاتنىشىپ مۇھىم سۆز قىلدى.

1959366
قالىن: ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە تېخىمۇ كەڭ دىيالوگقا ئېھتىياجلىق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن ئېنېرگىيەدىن كۆچكىچە، تېرروىزمغا قارشى كۈرەشتىن ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشقىچە بولغان دۇنيا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنىڭ بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەنلىكىنى، بۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا-تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا تېخىمۇ كەڭ گېئوپولىتىكىلىق ئىستراتېگىيەلىك دىيالوگقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن ئامېرىكانىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە، ئامېرىكا سودا بىرلەشمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا-تۈركىيە سودا-سانائەتچىلەر مۇنبىرىگە قاتناشتى.

ئۇ 6-فېۋرال (2023) تەۋرەش مەركىزى قاھرامانماراش بولغان يەر تەۋرەش ئاپەتلىرىنىڭ تۈركىيە تارىخىدىكى ۋە زامانىۋى تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ يەر تەۋرەش ئاپەتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن بىر يىل ئىچىدە 200 مىڭ يۈرۈش ئۆي سېلىش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، تارىختىكى ئەڭ ئېغىر تەبىئىي ئاپەت يۈز بېرىپ ئارىدىن ئۈچ ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، ئومۇمىي سايلامنىڭ كېچىكتۈرۈلمەستىن دەل ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «مېنىڭچە بۇنداق چوڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان باشقا دۆلەتنى سايلام ئۆتكۈزۈشكە جۈرئەت قىلالايدۇ، دەپ ئويلىمايمەن» دېدى.

ئۇ شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتوغا ئەزا بولۇش مەسىلىسىدە تۈركىيەنىڭ پوزىتسىيەسى توغرىسىدا توختىلىپ،  ئىككى دۆلەتنىڭ تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشەلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قەدەم تاشلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ تۈركىيەنى «F-16» كۈرەشچى ئايروپىلانى بىلەن تەمىنلەش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى بۇنىڭغا باغلىشىنىڭ «پۈتۈنلەي ئەقىلگە سىغمايدىغان، قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ۋە ئۈنۈمسىز ئىش» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ رايوندىكى ئېنېرگىيە تۇرۇبا يولىدىن تارتىپ يېڭى تەرەققىياتلاردا ئاساسلىق رول ئوينايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، كەم بولسا بولمايدىغان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن رايوندىكى بارلىق تۈرلەردە نەزەرگە ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ ئامېرىكا كونگرە ئەزالىرىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ گېئوپولىتىكىلىق دۇنياۋى مەنپەئەتلىرى ۋە ناتودىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى ئاساسىدا تۈركىيەنى كۆپ زىيارەت قىلىشىنى كۈتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا سودا دۇنياسىنىمۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ھەجىمىنى ئاشۇرۇشقا چاقىردى.

ئۇ: «تۈركىيەدە سودا دۇنياسى ئۈچۈن دوستانە مۇھىت بار، مەبلەغ سالغانلار چوقۇم مەلۇم پايدىغا ئېرىشىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر