تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە قازا قىلغانلار سانى 48 مىڭ 448 گە يەتتى
6 – فېۋرال (2023) قاھرامانماراشنى مەركەز قىلغان ۋە تۈركىيەنىڭ 11 ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە قازا قىلغانلار سانى 48 مىڭ 448 گە يەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلايمان سويلۇ بىلەن مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسوي مالاتيا ۋىلايەتلىك جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىدە، 6 – فېۋرال كۈنى قاھرامانماراشنى مەركەز قىلغان ۋە 11 ۋىلايەتتە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە قازا قىلغانلار سانى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
مىنىستىر سويلۇ بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، خارابىلىكلەرنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىز ئاپەت رايونىدا خارابىلىكلەرنى بىر تەرەپپ قىلىش ۋە رايوننى قايتا قۇرۇپ چىقىش يولىدا پۈتۈن كۈچى بىلەن خىزمەت ئىشلىمەكتە.»
سويلۇ 6 – فېۋرال كۈنى قاھرامانماراشنى مەركەز قىلغان ۋە 11 ۋىلايەتتە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە قازا قىلغانلار سانىنىڭ 48 مىڭ 448 گە يەتكەنلىكىنى، بۇلاردىن 6660 كىشىنىڭ چەت ئەللىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.