تۈركىيە چەت ئەلدىن كەلگەن ماددىي ياردەملەر دىياگراممىسىنى ئېلان قىلدى

6 – فېۋرالدىكى 11 ۋىلايەتكە تەسىر كۆرسەتكەن قاھرامانماراشنى مەركەز قىلغان يەر تەۋرەشلەردىن كېيىن، 16 دۆلەت ئاپەت رايونىدا 34 دالا دوختۇرخانىسى قۇردى.

1956070
تۈركىيە چەت ئەلدىن كەلگەن ماددىي ياردەملەر دىياگراممىسىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا، تۈركىيەنىڭ چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانىلىرىنىڭ بىردەك كۈچ چىقىرىشى سايىسىدا تۈركىيەگە يەتكۈزۈلگەن ماددىي ياردەملەرگە مۇناسىۋەتلىك بىر دىياگرامما ئېلان قىلدى.

دىياگراممىدا كۆرسىتىلىشىچە، 16 دۆلەت ئاپەت رايونىغا 34 دالا دوختۇرخانىسى قۇرغان، ھازىرغىچە 179 مىڭ 655 دانە چېدىر، 2076 دانە كونتېينېر ئۆي ۋە 2075 دانە كۆچمە تازىلىق ئۈسكۈنىسى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن.

باشقا ماددىي ياردەملەر دائىرىسىدە 1 مىليون 879 مىڭ 145 يوتقان – كۆرپە، 269 مىڭ 747 دانە ئۇيقۇ تۇلۇمى، 96 مىڭ 462 دانە ياستۇق، 33 مىڭ 810 دانە گېنېراتور، 7488 توننا يېمەك – ئىچمەك، 4109 توننا تازىلىق بۇيۇملىرى بىلەن 6908 توننا ئاشلىق تۈركىيەگە يېتىپ كەلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر