مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەر 5 - نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن قاتارنىڭ پايتەختى دوھاغا يېتىپ باردى ۋە ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى.

1954916
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ تىۋىتتېر ھېسابىدىكى يازمىسىدا، دوھادىكى تۇنجى ئۇچرىشىشىنى  ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ب د ت نىڭ يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى ياردەملىرىگە رەھمەت ئېيتتى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ گۇتېررېس بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئايالى ئەمىنە ئەردوغان باشلىغان <نۆل تاشلاندۇق تەشەببۇسى>، ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى ۋە ئىستانبۇل ئاشلىق كېلىشىمى قاتارلىق تېمىلاردا مۇزاكىرىلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر