ئالتۇن گىرېتسىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن گىرېتسىيەدە يۈز بەرگەن پويىز ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلىدى.

1953587
ئالتۇن گىرېتسىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالتۇن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، گىرېتسىيەدە يۈز بەرگەن پويىز ۋەقەسىنىڭ تولىمۇ ئېچىنىشلىق ۋە تىراگېدىيەلىك ھادىسە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە ۋەقە نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىغا، گىرېتسىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈردى، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلىدى.

گىرېتسىيەدە يۈز بەرگەن پويىز ۋەقەسىدە 38 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 57 كىشى يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر