ئەردوغان گىرېتسىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گىرېتسىيەدە يۈز بەرگەن پويىز قازاسى مۇناسىۋىتى بىلەن گىرېتسىيە پىرېزىدېنتى كاتېرىنا ساكېللارپولو ۋە گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىچوتاكىسقا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى.

1953507
ئەردوغان گىرېتسىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تەزىيە تېلېگراممىسىدا، گىرېتسىيەدە پويىز قازاسى يۈز بەرگەنلىكىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا  خەۋەر تاپقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، قازا نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلىدى.

گىرېتسىيەنىڭ لارىسسا شەھىرى ئەتراپىدا بىر يولۇچىلار پويىزى يۈك پويىزىغا سوقۇلۇپ كەتكەنىدى.

يولۇچىلار پويىزىنىڭ بەزى ۋاگونلىرى رېلىستىن چىقىپ كەتكەن ۋە ئالدى تەرەپتىكى ۋۋاگونلارغا ئوت كەتكەن قازا نەتىجىسىدە 38 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، يارىلانغان 130 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر