چاۋۇشئوغلۇ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى ۋە نىگېرىيە پىرېزىدېنتى ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى ھۈسەيىن ئىبراھىم تاھا ۋە نىگېرىيە پىرېزىدېنتىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى، فېدېراتىپ پايتەخت رايونى مىنىستىرى مۇھەممەد مۇسا بېللو بىلەن ئايرىم كۆرۈشتى.

1950712
چاۋۇشئوغلۇ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى ۋە نىگېرىيە پىرېزىدېنتى ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ تۋىتتېردىكى رەسمىي ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «يەر تەۋرەشكە قارشى بىز بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن دۆلىتىمىزدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى ھۈسەيىن ئىبراھىم تاھاغا مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈردۇق» دېدى.

ئۇ بېللو بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك تىۋىتتېر ئۇچۇرىدا: «نىگېرىيە پىرېزىدېنتىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى، فېدېراتىپ پايتەخت رايونى مىنىستىرى مۇھەممەد مۇسا بېللو يەر تەۋرەشتىن كېيىن تۈركىيەنى قوللاش ۋە ھەمكارلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئەنقەرەگە كەلگەنىدى. ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتتۇق» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر