ئەردوغان بىلەن باھچەلى ئوسمانىيەدە ئاپەت رايونلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان شەھەر مەركەزلىرى ۋە يېزىلارنى بىر يىل ئىچىدە بەرپا قىلىشنى پىلان قىلغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1949543
ئەردوغان بىلەن باھچەلى ئوسمانىيەدە ئاپەت رايونلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى
bahceli-erdogan osmaniye'de.jpg
bahceli-erdogan osmaniye'de.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ باشلىقى دەۋلەت باھچەلى يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئوسمانىيەدە خەلق ئاممىسى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئالىملارنىڭ 6-فېۋرالدا (2023) يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشنىڭ دۇنيادا قۇرۇقلۇقتا يۈز بەرگەن ئەڭ شىددەتلىك يەر تەۋرەش ئىكەنلىكىنى ئېيتىۋاتقانلىقىنى خاتىرىلىتىپ: «دۆلىتىمىز تەبىئىي ئاپەتلەرگە دۇچ كەلدى» دېدى.

ئۇ ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرگەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئالغانلىقلىرىنى، قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ تەخمىنەن 2.5 مىليون كىشىگە يېمەك-ئىچمەك تارقاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئاپەتتە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىنالارنىڭ خارابىلىقلىرىنى توشۇش ۋە كونتېينېر ئۆي ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، 865 كىشىنىڭ چېدىرلارغا ئورۇنلاشقانلىقىنى، 23 مىڭ 500 كىشىنىڭ بولسا كونتېينېر ئۆيگە ئورۇنلاشقانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر