چاۋۇشئوغلۇ مۇستاپا ئابدۇلجەمىل قىرىمئوغلۇ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ مەركىزى قاھرامانماراش بولغان يەر تەۋرەش ئاپەتلىرىدىن كېيىن پايتەخت ئەنقەرەگە زىيارەتكە كەلگەن قىرىم تاتار تۈركلىرىنىڭ رەھبىرى مۇستاپا ئابدۇلجەمىل قىرىمئوغلۇ بىلەن كۆرۈشتى.

1949449
چاۋۇشئوغلۇ مۇستاپا ئابدۇلجەمىل قىرىمئوغلۇ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، پايتەخت ئەنقەرەدە قىرىم تاتار تۈركلىرىنىڭ رەھبىرى ۋە ئۇكرائىنا پارلامېنت ئەزاسى مۇستاپا ئابدۇلجەمىل قىرىمئوغلۇ بىلەن بىر يەرگە جەم بولغانلىقىنى قەيت قىلدى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ مۇنداق دېدى:

«يەرتەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن ئەنقەرەگە زىيارەتكە كەلگەن قىرىم تاتار تۈركلىرىنىڭ رەھبىرى ۋە ئۇكرائىنا پارلامېنت ئەزاسى مۇستاپا ئابدۇلجەمىل قىرىمئوغلۇ بىلەن كۆرۈشتۇق. مۇشەققەتلىك كۈنلىرىمىزدە يېنىمىزدا بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇستاپا ئابدۇلجەمىل قىرىمئوغلۇغا ۋە بارلىق قىرىم تاتار تۈركلىرىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز.»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈنۈگۈن (20-فېۋرال) ھاتاي ۋىلايىتىنىڭ دەفنە ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن 6.4 ۋە 5.8 بال يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن، ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيخۇن بايراموۋ بىلەنمۇ تېلېفوندا كۆرۈشكەنىدى..

ئىككى مىنىستىرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنى قايتا قۇرۇش ۋە يېڭى شەھەرلەرنى بەرپا قىلىش پىلانلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر