چاۋۇشئوغلۇ جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى جاڭ سۇڭ مىن بىلەن كۆرۈشتى.



تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ 6 – فېۋرال كۈنى يۈز بەرگەن ۋە «100 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ بالايىئاپەت» دەپ ئاتالغان، تۈركىيەنىڭ 11 ۋىلايىتىگە ئېغىر تالاپەت يەتكۈزگەن مەركىزى قاھرامانماراش بولغان7.7، 7.6 بال يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەگە زىيارەتكە كەلگەن جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتلىق كېڭىشى ئىشخانىسىنىڭ كەلگۈسى ئىستراتېگىيەسىنىڭ پېشقەدەم كاتىپى ۋە دۆلەت باشلىقىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى جاڭ سۇڭ مىن بىلەن كۆرۈشتى.
مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيەگە زىيارەتكە كەلگەن جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى جاڭ سۇڭ مىن بىلەن بىر يەرگە جەم بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«يەر تەۋرەش ئاپىتى تۈپەيلى بەرگەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ۋە نامايان قىلغان ھېسداشلىقى ئۈچۈن جەنۇبىي كورېيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز.»
مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ مەركىزى قاھرامانماراش بولغان يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن پايتەخت ئەنقەرەگە زىيارەتكە كەلگەن قىرىم تاتار تۈركلىرىنىڭ رەھبىرى مۇستاپا ئابدۇلجەمىل قىرىمئوغلۇ بىلەنمۇ كۆرۈشكەنىدى.
چاۋۇشئوغلۇ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېگەنىدى:
«يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن ئەنقەرەگە زىيارەتكە كەلگەن قىرىم تاتار تۈركلىرىنىڭ رەھبىرى ۋە ئۇكرائىنا پارلامېنت ئەزاسى مۇستاپا ئابدۇلجەمىل قىرىمئوغلۇ بىلەن كۆرۈشتۇق. مۇشەققەتلىك كۈنلىرىمىزدە يېنىمىزدا بولغانلىقى ئۈچۈن مۇستاپا ئابدۇلجەمىل قىرىمئوغلۇغا ۋە بارلىق قىرىم تاتار تۈركلىرىگە مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.»
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈنۈگۈن (20-فېۋرال) مەركىزى ھاتاي ۋىلايىتىنىڭ دەفنە ناھىيەسى بولغان 6.4، 5.8 بال يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن، ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيخۇن بايراموۋ بىلەنمۇ تېلېفوندا كۆرۈشكەنىدى.
ئىككى مىنىستىرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنى قايتا قۇرۇش ۋە يېڭى شەھەرلەرنى بەرپا قىلىش پىلانلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانىدى.