چەت ئەل ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى چەت ئەلدىن ئاپەت رايونلىرىغا كەلگەن ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1947628
چەت ئەل ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، چەت ئەلدىن قاھرامانماراشنى مەركەز قىلىپ يۈز بەرگەن تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپەتلىرىدە تالاپەتكە ئۇچرىغان ئاپەت رايونلىرىغا كەلگەن ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ھەققىدە بايانات ئېلان  قىلدى.

باياناتتا، 101 دۆلەتنىڭ ياردەم تەكلىپىدە بولغانلىقى، 66 دۆلەت ئەۋەتكەن ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا يەنە، ئاپەت رايونلىرىدا 5 مىڭ 654 چەت ئەللىك ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خادىمنىڭ ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىۋاتقانلىقى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئەۋەتىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقى، يەنە تۈركىيەگە كېلىدىغان چەت ئەللىك ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خادىملىرى سانىنىڭ 455 ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر