دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: ئىسپانىيە ئارمىيەسى ئىسكەندەرۇندا چارلاش ئېلىپ بارمىدى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى «ئىسپانىيە ئارمىيەسىنىڭ ھاتاي ۋىلايىتىنىڭ ئىسكەندەرۇن ناھىيەسىدە چارلاش ئېلىپ بارغانلىقى» دەۋاسىنىڭ ھەقىقەتنى ئەكس ئەتتۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
1947184
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەزى تور بەتلەر ۋە ئاممىۋى تاراتقۇ سەھىپىلىرىدە، «ئىسپانىيە ئارمىيەسىنىڭ بىرونىۋىكلىرىنىڭ ھاتاي ۋىلايىتىنىڭ ئىسكەندەرۇن ناھىيەسى ۋە دېڭىز بويى رايونىدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى» ھەققىدە كۆرۈنۈشلەر تارقالغانىدى.
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مەنبەلىرى، بۇ خەۋەرلەرنىڭ پۈتۈنلەي يالغان ئىكەنلىكىنى، بۇ كۆرۈنۈشلەرنىڭ 6-فېۋرال (2023) يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن رايونغا ياردەمگە كەلگەن ئىسپانىيە ئارمىيەسىگە ئائىت ھەربىي ئاپتوموبىللارنىڭ ئىزدەش - قۇتقۇزۇش رايونىغا يۆتكىلىشى جەريانىدا تارتىلغانلىقىنى جاكارلىدى.