يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 5894 كە يەتتى
قاھرامانماراشنىڭ پازارجىك ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن 7.7 بال، ئەلبىستان ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن 7.6 بال يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 5894 كە يەتتى.
1943444

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي، 6 – فېۋرال قاھرامانماراشتا مەيدانغا كەلگەن يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانىنىڭ 5894 كە، يارىلانغانلار سانىنىڭ 34 مىڭ 810 غا، گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن بىنا سانىنىڭ 5775 كە، خارابىلىك ئاستىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغانلار سانىنىڭ سەككىز مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئوقتاي: «ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىمىز داۋاملىشىۋاتىدۇ. بۇ خىزمەتلەر خارابىلىك ئاستىدىكى ئەڭ ئاخىرقى پۇقرايىمىزنى چىقىرىپ بولغۇچە داۋاملىشىدۇ» دېدى.