بىر ئوقۇتقۇچى 49 سائەت ئۆتكەندىن كېيىن خارابىلىك ئاستىدىن قۇتقۇزۇۋېلىندى
تۈركىيەنىڭ قاھرامانماراش ۋىلايىتىنىڭ پازارجىق ۋە ئەلبىستان ناھىيەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە خاتايدا خارابىلىك ئاستىدا قالغان بىر ئوقۇتقۇچى 49 سائەت ئۆتكەندىن كېيىن قۇتقۇزۇۋېلىندى.
1943634
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ خاتاي ۋىلايىتىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىر بىنانىڭ ئاستىدا قالغان «مەسۇدە ئاقار» ئىسىملىك ئوقۇتقۇچى، ئارىدىن 49 سائەت ئۆتكەندىن كېيىن قۇتقۇزۇۋېلىندى.
يېقىن ئەتراپتىكى پۇقرالار بۇ خۇش خەۋەردىن چەكسىز سۆيۈنۈپ، ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنى ئالقىشلىدى.