ئەردوغان: قازا قىلغانلار سانى 3549 غا، يارىلانغانلار سانى 22 مىڭ 168 گە يەتتى
قاھرامانماراشنىڭ پازارجىك ۋە ئەلبىستان ناھىيەلىرىدە يۈز بېرىپ، 10 ۋىلايەتكە تەسىر كۆرسەتكەن 7.7 بال ۋە 7.6 بال يەر تەۋرەشلەردە قازا قىلغانلار سانى 3549 غا يەتتى.
1943242

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدىكى دۆلەتلىك ئۇچۇر كوردىناتسىيە مەركىزىدە بايانات بېرىپ: «3549 ۋاپات بولغان كىشىمىز، 22 مىڭ 168 يارىدارىمىز بار. ئەڭ چوڭ تەسەللىمىز، ھازىرغىچە 8 مىڭدىن ئارتۇق پۇقرامىزنىڭ خارابىلىك ئاستىدىن سالامەت قۇتقۇزۇۋېلىنغان بولۇشىدۇر» دېدى.