دۇنيا ئەللىرى تۈركىيەگە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ۋە ياردەم بۇيۇملىرىنى ئەۋەتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
نۇرغۇن دۆلەتلەر قاھرامانماراشنىڭ پازارجىك ۋە ئەلبىستان ناھىيەلىرىدە يۈز بېرىپ 10 ۋىلايەتكە تەسىر كۆرسەتكەن 7.7 بال ۋە 7.6 بال يەر تەۋرەشلەر تۈپەيلى خارابىلىك ئاستىدا قالغانلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنى سەپەرۋەر قىلدى.
1943269










تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان جىددىي ئەھۋاللار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرى بېسىلغان ئىككى ئايروپىلاننىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۈركىيەگە قاراپ يولغا چىقىدىغانلىقى ئېلان قىلدى؛ باياناتتا، ئايروپىلانلارنىڭ بىرىگە تولۇق ئەسلىھەلىك بىر سەھرا دوختۇرخانىسىنىڭ قاچىلانغانلىقى قەيت قىلىندى.